ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ ئانا مەكتىپى خىتايغا كېڭىيىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ، خۇسۇسەن چارلىز III نىڭ ئانا مەكتىپىنى خىتايدىكى كېڭەيتىش پىلانىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى، جۈملىدىن نۆۋەتتىكى ئەنگلىيە پادىشاھى چارلىز III نىڭ ئانا مەكتىپى بولغان گوردونستون مەكتىپى بۇندىن ئىلگىرى خىتايدا مەكتەپ ئېچىش پىلانلىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى سەۋەبلىك، مەكتەپنى بۇ پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شوتلاندىيەدىكى گوردونستون مەكتىپى 2019-يىلى خىتايدا مەكتەپ ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. مەكتەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى شۆبە مەكتىپىدە خىتاينىڭ دەرسلىكلىرى ئۆتۈلىدىكەن، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز-خۇلقىنى يېتىلدۈرىدىغان ئوقۇتۇش مېتودى قوللىنىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شوتلاندىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى نائومى مىكئاۋلى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى تەخمىنەن 35 مىڭ دوللار بولغان بۇ مەكتەپنىڭ سودا ھەققىدە قارار چىقارغاندا، كىشىلىك ھوقۇق ئامىلىنىمۇ ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ۋاقىت گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە: «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر ھەمدە تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا. گوردونستون مەكتىپى مەكتەپ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمەسكە سالماسلىقى كېرەك» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 644 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2022 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق