خىتاي رايون ئاتلاپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىشنى چەكلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن قەستەن قىيناش مەقسىتىدە يەرلىك قورچاق ئەمەلدارلارغا رايوندىكى ئەمەلدارلارنىڭ رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆكتات ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتسا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تېشىدىن تاقاپ ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي قىيناش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى بۇزماقتا. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلانغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىگە قاماپ قىينىغاننى ئاز دەپ، رايوندىكى قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆكتات ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتسا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

7-نويابىر تارقالغان سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامەلۇم بىر جايىدىكى يەرلىك قورچاق ئەمەلدار خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىرىنىڭ پۇل تاپىمىز دەپ، كەنتنىڭ رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كەنتكە يەتتە ئاپتوموبىلغا بېسىلغان چامغۇر، يېسىۋېلەك، سەۋزە، پىياز قاتارلىق كۆكتاتلارنى ئەكىرگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك كادىرلار كەنت ئەزالىرىنى ۋە دېھقانلارنى تەشكىللەپ كۆكتاتلارنىڭ ھەممىنى مەجبۇرى چۈشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن كەنتكە مۇشۇنداق تۇرمۇش بويۇمى ۋە كۆكتاتلار يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئېلىپ كېلىنسە، ھەممىنى قايتۇرۇۋېتىمىز» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسى ھەمدە ئاتالمىش «كۆزىتىش مەركەزلىرى» گە قامال قىلغاننى ئاز دەپ، تىجارەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھەمدە كۆكتاتلارنى كەنتلەرگە ئېلىپ كىرىپ سېتىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ قامالدا قالغان خەلقنى تېخىمۇ قىيناش ئىكەنلىكىنى، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي يەنە باستۇرۇش ۋە تۇتقۇننى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 798 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2022 20:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق