ئامېرىكا خىتاي مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن گوللاندىيەگە بېسىم ئىشلىتىشنى پىلانلىدى

ئامېرىكا ئىلغار ئۆزەك تېخنىكىسىنىڭ خىتايغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ياپونىيە ۋە گوللاندىيەگە بېسىم ئىشلىتىشنى پىلانلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى گىنا رايموندو مۇخبىرىغا: «مېنىڭچە سىز يېقىندا ياپونىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ بىزگە ئەگىشىدىغانلىقىنى كۆرىسىز» دېگەن.

بايدېن ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ياسالغان ھەرقانداق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يەرشارى تېخنىكىسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىلغار ئۆزەك ۋە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. كورىيە ۋە تەيۋەندىكى نۇرغۇن شىركەتلەر ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار ئامېرىكا ئېلان قىلغان قانۇنىي چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۈسكۈنىلىرىنى ياساشتا ياپونىيە بىلەن گوللاندىيە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەتتىكى شىركەتلەر ئامېرىكا تېخنىكىسىغا تايانمىغان ھالدا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىكەن. بۇ شىركەتلەر ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا تەرىپىدىن كونترول قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما دىققەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئۈچ چوڭ شىركەت يەر شارى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭلىرى ئامېرىكىدىكى قوللىنىشچان ماتېرىياللار، ئۇنىڭدىن قالسا گوللاندىيەدىكىASML  ۋە ياپونىيە توكيو ئېلېكتىرون شىركىتى ئىكەن. 2022-يىلى 3-ئايغىچە بولغان مالىيە يىلىدا تەخمىنەن 2 تىرىليون يىن (13 مىليارد 600 مىليون دوللار) ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى خىتايغا قارىتىلغان بولۇپ، خىتاي سېتىۋالغان مەھسۇلات كورىيە ۋە تەيۋەنگە قارىغاندا كۆپ بولغانلىقتىن خىتاي بۇ شىركەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارىغا ئايلانغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ ئايدا گوللاندىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن. ياپونىيە بىلەن كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە پات ئارىدا باشلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ياپونىيە ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە ياپونىيەنىڭ ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورتى تەخمىنەن 3 تىرىليون يىن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 كە يېقىن ئاشقان. بازار تېز كېڭىيىپ، ئۆتكەن 10 يىلغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسە ئاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 643 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2022 20:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق