خىتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارغا كۆزىتىش مۇنارى قۇرغان

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان باستۇرۇش تۈزۈملىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياقىسىغا كۆزىتىش مۇنارى قۇرۇپ چىققان.

7-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان ئۈچ پارچە سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاقاس چۆللىرىدىن باشلاپ بارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىغا بىر كىلومېتىردا بىر يەرگە كۆزىتىش مۇنارى قۇرۇپ چىققان.

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مۇنار ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ھەربىر كۆزىتىش مۇنارىدا ئىككىدىن بەشكىچە قاراۋۇل پوستا تۇرغان.

مەزكۇر سىننى تارقاتقان خىتايلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى بۇ خىل ئۇسۇلنى ياپونلىقلار قوللانغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيەگە تەقلىد قىلىنغان كۆزىتىش مۇنارىنى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇپ چىققان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزىدە بىخەتەرلىك ئەندىشىسى كۈچەيگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى شۇنچە قاتتىق باستۇرغان ۋە خەلقنىڭ قولىدىكى پىچاق چاغلىق نەرسىلەرنىمۇ زەنجىرگە باغلىغان خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە يولغا قويغان بۇ تەدبىرى خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن ئەنسىرەش پىسخىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە بولۇۋاتقان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 624 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2022 19:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق