14 دۆلەت خىتاينىڭ «چەت ئەل ساقچى پونكىتى»نى تەكشۈرگەن

14 دۆلەت خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردە قانۇنسىز تەسىس قىلغان ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تەكشۈرگەن. «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» ناملىق تەشكىلات يەنە خىتاينىڭ چەت ئەلدە قانۇنسىز قۇرۇپ چىققان 16 ئورۇندىكى ئاتالمىش «ساقچى پونكىتى»نى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەللەردە قانۇنسىز تەسىس قىلغان ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت مەركەزلىرى» ياكى «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قانچە دۆلەت ھەرىكەتكە ئۆتكەن. بۇلار ئىچىدىكى ئىككى دۆلەت خىتاينىڭ دۆلىتىدىكى «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلغان. مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ چەت ئەلدە يەنە 16 ئورۇندىكى «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى»غا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان.

«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 14 دۆلەت ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرىنى» نى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى يەنە خىتاينىڭ ئىسپانىيە، سېربىيە ۋە موزامبىكتە قانۇنسىز تەسىس قىلغان «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ گۇماندارلارنى خىتايغا قايتىپ كېتىشكە مەسلىھەت بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى تاپقانلىقىنى ئېيتقان.

«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى 7-نويابىر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترىيە، چېخ، گېرمانىيە، ئېرلاندىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 14 دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ چەت ئەلدە قانۇنسىز قۇرۇپ چىققان «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى»نى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، كانادا، چىلى، نىگېرىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە دۆلەت چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدا قانۇن ئىجرا قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، چەت ئەل ۋەكىللىرىنىڭ يەرلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. گوللاندىيە بىلەن ئېرلاندىيە خىتايدىن ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى»نى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.

«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتى يەنە دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تاكتىكىسى ۋە مۇناسىپ تورلىرىنى تەكشۈرۈشكە، خەتەر ئاستىدىكى مەھەللىلەر ھەققىدە يېتەرلىك دوكلات بېرىش ۋە قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يەرلىك ساقچىلارنىڭ خەلق دۇچ كېلىدىغان تەھدىتنى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا، جۈملىدىن تەھدىت سېلىش ياكى تەھدىت سېلىشقا ياردەم بېرىش گۇمانى بار كىشىلەرگە قاراتقان جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويۇشقا چاقىرىق قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 624 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2022 19:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق