ئاتالمىش «كارانتىن مەركەزلىرى»دىكى خەلق سوغۇقتا تاشلاپ قويۇلدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تېشىدىن تاقاپ ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي قىيناش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاپەت بولماقتا. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلانغان بىر قانچە سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى يەنە ئۇيغۇرلارنى نامەلۇم «ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرى» غا كوللېكتىپ قاماشنى داۋام قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مەركەزلەردە ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق سوغۇقتا قىينىلىپ قالغان.

بۈگۈن ئاشكارىلانغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامەلۇم بىر جايىدىكى ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى»دە يىغىۋېلىنغان خەلق زالدىكى پولدا يېتىپ قوپقان. مەركەزدە ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرى يوق بولۇپ، مەركەزدىكى كىشىلەر سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئاياغ ۋە چاپانلىرى بىلەن ياتاقتا ئولتۇرغان. باشقا بىر سىندا يەنە رايوندىكى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاپتوبۇس ئارقىلىق ياتاقلىرى بىلەن بىرگە نامەلۇم بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، ئۇلار بەلكىم بۇرۇن تىلغا ئېلىنغان ئاممىۋى كارانتىن مەركىزىگە ئېلىپ مېڭىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاق كىيىم كېيگەن. كىشىلەر نامەلۇم بىر قورۇغا ئېلىپ بېرىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا سوغۇق ھاۋا باشلانغان پەيتلەردىمۇ خەلقنى ئىسسىنىش  ئەسلىھەلىرى يوق يەرلەرگە قامىغانلىقىنى، بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال خەلقئارادا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ باستۇرۇش ۋە تۇتقۇننى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 765 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2022 16:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق