خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرىدە شەھەر ئاسمىنىنى تۇيۇقسىز قاغا-قۇزغۇن قاپلاپ كېتىشتەك غەلىتە ئەھۋال يۈز بەرگەن.
خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-نويابىر كېچىدە خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى ئاسمىنىدا تۇيۇقسىز سان-ساناقسىز قاغا-قۇزغۇنلار پەيدا بولۇپ، پۈتۈن شەھەر ئاسمىنىنى قاپلاپ كېتىشتەك غەلىتە ئەھۋال يۈز بەرگەن. يەرلىك كىشىلەر بۇ خىل غەلىتە ئەھۋالدىن ھەيران قىلىشقان. ياشانغان كىشىلەر بىر ئۆمۈر شىنىڭ شەھىرىدە ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق بۇ خىل شەھەر ئاسمىنىنى قاغا-قۇزغۇن بېسىشتەك ئەھۋالنى كۆرمىگەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن غەلىتە ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
مەزكۇر شەھەردە 6-نويابىر سائەت 0 دىن 24:00 كىچە ئۈچ كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بېكىتىلگەن ئايرىپ داۋالاش مەركەزلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىلغان 29 بىمار بار ئىكەن. ئومۇمەن كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان بىماردىن 69 ى بار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ