پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلار ئوق ئۆتمەس ماشىنا بىلەن توشۇلىدىغان بولدى

خىتاي رېجىمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرىدە ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلار قوراللىق ھۇجۇملاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوق ئۆتمەس ماشىنىلاردا توشۇلىدىغان بولدى.

دىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ۋە پاكىستان ئەمەلدارلىرى 11-نۆۋەتلىك خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى بىرلەشمە ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىر يەرگە جەم بولغان.

يىغىندا چىقىرىلغان قارارلارغا قارىغاندا، خىتاي بىلەن پاكىستان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرىدە ئىشلەۋاتقان بارلىق خىتاي ئىشچىلارنى ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن ئوق ئۆتمەس ماشىنىلاردا توشۇشقا بىرلىككە كەلگەن.

بۇ قارار 2-نويابىر بېيجىڭدا باش مىنىستىر شاھباز شەرىف بىلەن كۆرۈشكەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرلىرىدە ئىشلەۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن چىقىرىلغان.

بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى بولسا پاكىستاننىڭ غەربىدىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە خىتاي پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان بىلەن پاكىستاننىڭ جەنۇبىنى تۆمۈر يول، تاشيول ۋە توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرىنىڭ خىراجىتى تەخمىنەن 62 مىليارد دوللار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2022 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق