ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيە خىتاي-تەيۋەن ئۇرۇشى ئېھتىماللىقىغا قارشى ھەربىي كېلىشىمگە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر مۇداپىئە كېلىشىمى بىلەن ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ زېمىنىدا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن ۋە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزەلەيدىكەن.
يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت توكيو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدە يېڭى ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولغان بولۇپ، ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىنىدىكەن.
12-ئايدا «چوڭ مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالايدىغان ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە بولغان ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت بۇ يىل يانۋاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر كېلىشىم ئىمزالىغانىكەن.
ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بۇ قەدىمى ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن قۇرۇۋاتقان مۇداپىئە كېلىشىملىرى ئارقىلىق ئېھتىماللىقتىكى خىتاي-تەيۋەن ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ تەپسىلاتلىرىمۇ بۇ كېلىشىمگە كىرگۈزۈلىدىكەن.
ئەنگلىيە بىلەن ياپونىيە مۇداپىئە ۋە ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقىدىكى كېلىشىم بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزەلەيدىكەن ۋە ئىككى دۆلەت يەنە بىر-بىرىگە قوشۇن ئەۋەتىشنىڭ قانۇنىي رامكىسىنى ئورنىتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر