G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاينى قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

 

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتايدىن تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىدە قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىپ، مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئىككى قىرغاق مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرغان. باياناتتا G7 ئەزالىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئاساسىي مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر خىتاي سىياسىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېلان قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،G7  گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مەزكۇر باياناتىدا خىتايغا «ب د ت نىزامنامىسى» نىڭ تالاش-تارتىشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش پىرىنسىپىنى قوغداپ، تەھدىت، مەجبۇرلاش، قورقۇتۇش ۋە كۈچ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە ھەرقانداق بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا قورال كۈچى ياكى مەجبۇرلاش ئارقىلىق ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە G7 نىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، شۇنداقلا خوڭكوڭدىكى خەلقنىڭ ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە يۈكسەك ئاپتونومىيە تۈزۈلمىسىنىڭ داۋاملىق بۇزۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە،G7  دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە بارغانسېرى بىردەكلىك ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

G7 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئانتونى بىلىنكېن يەنە ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوشىساكا ھاياشى بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە قوشۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2022 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق