ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز

ئامېرىكىدا ئىككى پارلامېنت ئەزاسى تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىشنى چەكلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ سىياسىي ئويۇن ئويناپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاساسلىق ئىمپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ مەزگىلدە، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىستېمالچىلار ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يېڭى قانۇنى»نى ئىجرا قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2-نويابىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە پارلامېنت ئەزاسى كىرىس سىمىس ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى سودا تاموژنا مۇلازىمىتى كومىتېتىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، پارلامېنتنىڭ سودا تاموژنا مۇلازىمىتى مەسلىھەت كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش تەكلىپىنىڭ تەستىقلىنىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار مەكتۇپىدا: «سودا تاموژنا مۇلازىمىتى مەسلىھەت كومىتېتى ئېنىق ھالدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تەشەببۇسنىڭ كۈچىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولدى. بىز بۇ ئۇرۇنۇشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز» دېيىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، سودا تاموژنا مۇلازىمىتى مەسلىھەت كومىتېتى مۇزاكىرە قىلغان تەشەببۇسلار خىتاي يولغا قويغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئالدىنقى ئايدا سودا تاموژنا مۇلازىمىتى مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى باشقا فېدېراتىپ ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن يېپىق ھالدا ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ سودا مىقدارىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىمپورت-ئېكسپورت قائىدىسىنى زامانىۋىلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

سودا تاموژنا مۇلازىمىتى مەسلىھەت كومىتېتى ۋولمارت، ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى ۋە ئىنتېل قاتارلىق 20 شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان. بۇ كومىتېت ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ سودا نىزامىنى قانداق ئاددىيلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغان. ئامېرىكىدىكى ئىككى قانۇن تۈزگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەستىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سودا تاموژنا مۇلازىمىتى مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى ھەر قانداق تەكلىپى تەستىقتىن ئۆتمەيدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 875 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2022 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق