تارىم نېفىتلىكىدىنلا 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز خىتايغا توشۇلغان

خىتاي بۇ يىل تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىلغان 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 1-نويابىرغىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىلغان 25 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى خىتايغا توشۇغان بولۇپ، خىتاي مەزكۇر تەبىئىي بايلىقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قىلمىشىنى ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تورى» ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل تارىم نېفىتلىكى 9ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينى قىشلىق گاز يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى باشلاش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي گازىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە تارىم نېفىتلىكى جەمئىي 26 مىليارد 570 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز قېزىپ، باسقۇچلۇق پىلاننىڭ %100.1 نى تاماملاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 310 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇرغان. نۆۋەتتە تارىم نېفىتلىكىنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 95 مىليون 590 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن  كۈنىگە 390 مىڭ كۇب مېتىر ئاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنىڭ پەقەت خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ بايلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەبىئىي گاز ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆيلىرىنى ئىسسىتىش ئۈچۈن كۆمۈرگە ئېرىشىش مەسىلىسىدىمۇ زور قىيىنچىلىققا ۋە يۇقىرى باھاغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 806 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2022 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق