خىتاينىڭ يۇقۇمنىڭ خىتايغا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارى ما شىڭرۈي قۇمۇل رايونىدىكى بىر تۈركۈم ساقچى پونكىتلىرىغا بېرىپ، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان مۇھىم چېگرا ئېغىزلىرىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، «يۇقۇمنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كېرەك» دەپ تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 3-نويابىر قومۇل شەھىرىگە بېرىپ، ئارا يۇلتۇز جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتى، بەيشەنچۈەن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان مۇھىم ئېغىزلارنى تەكشۈرگەن ۋە بۇ جەرياندا يۇقۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ماشىڭرۈي قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى يېقىندا بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم يىغىن ئاچقان. يىغىندا يۇقۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەنگەن. ماشىڭرۈي تەكشۈرۈش داۋامىدا يەرلىك دائىرىلەرگە شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ھېسابلاش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇشنى تاپىلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى يۇقۇم مەزگىلىدە زور تۈركۈمدىكى خىتاي ساياھەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقتۇرغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېڭەيتكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نامەلۇم دورىلارنى مەجبۇرىي ئىچۈرۈپ سىناق قىلغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ۋىرۇسنىڭ خىتايغا كېڭىيىپ كەتمەسلىكىنى تەكىتلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 869 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2022 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق