خىتاي بۇ قېتىم بېلگىيە خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بېلگىيە خەلقىنى ئالداش ئۈچۈن، ئاتالمىش «بېلگىيە شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ھەپتىلىكى»نى باشلىغان بولۇپ، بىر ھەپتە جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت 3-نويابىردىن 9- نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بېلگىيە خەلقىنى ئالداش ئۈچۈن، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى بۇرمىلانغان «ھۆججەتلىك فىلىم» قويىدىكەن. 

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشخانىسى»نىڭ نازىرى، قورچاق ئەمەلدار ئابلىكىم ئەزىز سىن ئارقىلىق سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ: «بېلگىيەدىكى ھەر ساھە دوستلار ۋە زاتلارنىڭ كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھازىرغىچە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاددىي سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ياكى تۈرمە، جازا لاگېرلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلىق گۇۋاھلىقلارغا چۈشەنچە بېرەلمەستىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاي بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 886 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2022 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق