خىتاينىڭ يولسىزلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جېنىدىن تويغۇزدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى» غا مەجبۇرىي قاماپ قىينىماقتا.

3-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان قىسقا سىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلىغان بولۇپ، سىندا بىر ئايال خىتاينىڭ ئۆيگە قامال قىلىشى جەريانىدا ئانىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ۋە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيان خەۋىرىنى ئالالمىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئانىسىغا ھەمراھ بولۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، مانا بۈگۈن ئانىسىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىگە – چاقىسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى، مۇشۇنداق ئېغىر پەيتتىمۇ خىتاي خادىملىرىنىڭ ئۇنى ئۆيدىن چىققىلى قويمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قاتتىق يىغلىغان ھالدا قوشنىلىرىغا نىدا قىلغان ۋە: بۇ خىل رەھىمسىزلىككە قارشى غەزىپى تاشقان ئايال، قوشنىلىرىنى گۇۋاھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ جاندىن تويغانلىقىنى، 30 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئانىسىنىڭ يېنىدا ھېچكىم يوق قازا قىلغانلىقىنى، ئەگەر دائىرىلەر ئۇنى ئانىسىنىڭ قېشىغا بارغىلى قويمىسا، 17-قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ نالە قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كوللېكتىپ ئايرىپ قاماش مەركەزلىرىگە قاماپ، ئاچ قويۇپ قىيناش، مەينەتچىلىك ۋە ئاچلىقتىن كېسەل بولغانلارنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قاتارلىق ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 971 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2022 16:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق