شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس روھى نامايان بولماقتا

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش رەزىل مەقسىتىدە داۋام قىلىۋاتقان ئالدى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قىرىپ تاشلاپ، بۇلار ئارقىلىق سۈكۈت قىلغانلارنى قورقۇتۇپ يوقىتىشتىن ئىبارەت تېررورلۇق سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى بويسۇندۇرالمىغان.

3-نويابىر كورلا شەھىرى ج خ ئىدارىسى تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان بولۇپ، تۇتۇش بۇيرۇقىدا كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسى باغ جىگدە كەنتلىك مەخمۇت مۆيدىن ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن كىشىلەرگە 200 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى تۇتۇش بۇيرۇقىدا مەخمۇت مۆيدىننىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەھبۇس كىيىمى كىيىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم تۈرمە ياكى جازا لاگېرىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرىپ يوقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى تەۋرىتەلمىگەنلىكىنى، 9-ئايدا خىتاي غۇلجا قارادۆڭ خەلقىنىڭ قاتتىق قامالغا قارشى كۆرسەتكەن كوللېكتىپ قارشىلىقى، تۈرمىدىن (ياكى جازا لاگېرىدىن) مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچقان مەخمۇت مۆيدىننىڭ ئەمەلىيەتتە تىز پۈكمەس روھنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى، ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپ سۈكۈت ۋە ئۈمىدسىزلىككە پاتقان كىشىلەرنىڭ بۇ روھنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1121 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2022 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق