قومۇل شەھىرىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونىدا 2-نويابىر 4.7 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-نويابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17 دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونىدا (شىمالىي كەڭلىك 41.68 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 92.70 گىرادۇس) 4.7 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەن.

خەۋەردە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ بىر تۈركۈم قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئەۋەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر ساقچى دائىرىلىرى ئاپەت رايونى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولۇپ، پەقەت ئىۋىرغول رايونىدا قاتناش، توك، ئالاقە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 805 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2022 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق