خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ پەسىللىك بۇلاڭ-تالاڭ نەتىجىسىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي رېجىمى بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاي نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، رايوندىكى نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش-ئېچىش سالمىقىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرغان. شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن بايقالغان زور مىقداردىكى نېفىت-تەبىئىي گازنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى كۆلەمدىكى سانائەتنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 291 مىليون 323 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 31.1 ئاشقان.

خىتاي ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر، خام نېفىت، توك چىقىرىش قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرىنى داۋاملىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، پۈتۈن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە قومۇل شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر 88 مىليون 620 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 82 ئاشقان. بۇ كۆمۈرلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى خىتاينىڭ گەنسۇ، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، نىڭشيا، چىڭخەي ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى خېنەن، خۇبېي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا توشۇلغان.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 24 مىليون 287 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.2 ئاشقان. تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى بولسا 30 مىليارد 229 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.1 ئاشقان. ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامىدا 49 مىليارد 365 مىليون كۇب مېتىر گازنى خىتايغا توشۇغان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنىڭ پەقەت خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 861 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2022 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق