قامالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋر قاچىسى تاشتى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئائىلىسىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى» غا مەجبۇرىي قامالغان. 1-نويابىر تارقالغان سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يولسىز قىلمىشى سەۋەبلىك قامالغان خەلق ئاچلىق ۋە خورلۇققا چىدىماي خىتاي رېجىمىنىڭ باشقۇرۇشىغا بوي ئەگمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

1-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ يېمەكلىك بەرمەي، داۋالىماي قاماپ قويۇش، ئىككى كۈندە بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئائىلىگە قاماپ كارى بولماسلىق قىلمىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سىندا خۇرشىدە ئىسىملىك بىر ئايال خىتاينىڭ يولسىز قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ يولسىز قىلمىشلىرى سەۋەبلىك جېنىدىن تويغانلىقىنى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، خادىملارنىڭ قاماپ قويۇپ خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك جېنىدىن تويغانلىقىنى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمايدىغانلىقىنى، دائىرىلەر مەجبۇرلىسا ئۆزىنى پىچاقلاپ ئۆلۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ: «قولۇڭدىن كەلگەننى قىل، ئېلىپ چىقىپ ئېتىۋەت» دەپ، پىچاقنىڭ سۆڭەككە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرى قامالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دەرىجىدە قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەپ بەرمەكتە. يەنە بىر ئۈندىدار توپىدىكى پاراڭلاردىمۇ ھەربىيلىككە بېرىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ، قامال سەۋەبلىك ھامىلدار ئايالى بىلەن جېدەللىشىش جەريانىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ۋە ئارقىدىن ئۆزىمۇ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغانلىقى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۆيگە قاماپ ئاچ قويۇش نەتىجىسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. شۇنداقتا يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بىنالاردىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالىدىغانلارنىڭ سىنلىرىنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشىمۇ، خىتاينىڭ خەلققە قىلىۋاتقان چىدىغۇسىز بېسىمى ۋە ئاچلىق ئازابىنىڭ خەلقنى بۇ تۈردىكى ئېچىنىشلىق ئىشلارغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 873 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2022 19:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق