قاتتىق قامالغا چىدىمىغان خەلق قارشىلىق كۆرسەتتى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قىلمىشى خەلقىمىزنىڭ روھىي ساغلاملىق ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئائىلىسىگە قامالغاندىن باشقا مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى» غا مەجبۇرىي قامالغان. 31-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاندىكى نامەلۇم بىر بىناغا قامالغان خەلق ئاچلىققا چىدىماي، بىرلىشىپ بىنادىن چۈشۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن.

31-ئۆكتەبىر تارقالغان بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاش-نان بەرمەي، داۋالىماي قاماپ قويۇش قىلمىشىغا قارشى كوللېكتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر بىنادا تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» دىن 100 ئەتراپىدىكى كىشى كوللېكتىپ ھالدا بىنادىن چۈشۈپ خىتاي دائىرىلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. سىندىكى ئاۋازلىق مەلۇماتتا ئاشكارىلىشىچە، ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» نىڭ تازىلىق شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغاندىن باشقا، قامالغانلارغا بېرىدىغان تاماق ئىنتايىن سۈپەتسىز ئىكەن. تاماقمۇ ۋاقتىدا تارقىتىلمايدىكەن. شۇ سەۋەبلىك خەلق خىتاينىڭ بۇ خىل يولسىز قىلمىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. دائىرىلەر ئورنۇڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار دەپ تەھدىت ئارىلاش بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ غەزەپلەنگەن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى توختىتالمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1109 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2022 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق