خىتاي خادىملار قازاق چارۋىچىلارنى ئۇرۇپ قانغا بويىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» گە سولىغاندىن سىرت قازاق چارۋىچىلارنىڭ ماللىرىنى ئوت-چۆپ بولمىغان بىر جىلغىغا يىغىۋالغان بولۇپ، 31 -ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان بىر قانچە سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ چارۋا ماللىرىنى يىغىۋېلىش قىلمىشىغا نارازى بولغان بىر قازاق خىتاي خادىملىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان.

29-ئۆكتەبىر تارقالغان بىر سىندا خىتاي قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئات، قوي، كالا قاتارلىق چارۋا ماللىرىنى ئوت-چۆپ بولمىغان بىر جىلغىغا يىغىۋالغان. يەنە بىر سىندا ئائىلە كىشىلىرىنى سەۋەبسىز قامال قىلغاننى ئاز دەپ چارۋىچىلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى يىغىۋالغان خىتاينىڭ مەزكۇر يولسىز قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر قازاقنىڭ باش-كۆزلىرىگە ئۇرۇپ قانغا بويىۋەتكەن. ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ سىن ئارقىلىق خىتاينىڭ يولسىزلىق قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كالتەك بىلەن ئادەم ئۇرغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كوللېكتىپ ئايرىپ قاماش مەركەزلىرىگە قاماپ، ئاچ قويۇپ قىيناش، مەينەتچىلىك ۋە ئاچلىقتىن كېسەل بولغانلارنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قاتارلىق ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 918 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2022 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق