ئۇيغۇرلار قامالدىمۇ خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي تاشلاپ قويۇش جىنايىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. 20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي رېجىمى قاتتىق قامالنى يەنىلا بوشاتمىغان. 29-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان بىر قانچە سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە قاتتىق قامالدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان.

مەزكۇر بەش تال سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى قامال مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، چوڭلارغا خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىدىن خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى تاپىلىغان. باشقا بىر قانچە سىندا بالىلارنىڭ ئائىلىسىدە چوڭلارغا خىتاي تىلى ئۆگەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ۋەھشىيلىكتە ئۇچىغا چىققانلىقىنى، خەلقنى كوللېكتىپ ئايرىپ قاماش مەركەزلىرىگە قاماپ، داۋالىماي تاشلاپ قويۇپ قىرغىن قىلىش بىلەن بىرگە، ئائىلىدە ئاچلىقتا قىينىلىۋاتقان خەلقنى تېخىمۇ قىيناپ، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 850 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2022 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق