زىيالىيلىرىمىز قانداق بولۇشى كېرەك

زىيالىيلىرىمىز قانداق بولۇشى كېرەك

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

زىيالىي دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى «بىر قەدەر يۇقىرى پەن-مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەر» دېگەن بولىدۇ. زىيالىي «زىيا» دېگەن سۆزنىڭ تۈرلىنىشى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى يورۇقلۇق، نۇر، شولا دېگەن بولىدۇ (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىن). بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يۇقىرى سەۋىيەدىكى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قوراللانغان، بىلىم بىلەن خەلقنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ، توغرا يول كۆرسەتكۈچىلەر زىيالىي دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىلىم-پەن ساھەسى ئىنتايىن كەڭ بىر ساھە. ئىلىم-پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بويىچە ئالغاندا يۈكسەك بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئاكادېمىكلار، ئالىملار، ئىقتىسادشۇناسلار، تەتقىقاتچىلار، ئالىي ئىنژېنېرلار بار. بۇلارنى ئادەتتىكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالىيلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار. شۇڭا ئۇلارنى بىلىم قۇرۇلمىسىغا قاراپ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيالىي ۋە ئادەتتىكى زىيالىي دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ زىيالىيلار يۈكسەك دەرىجىدىكى بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولسىمۇ، جەمئىيەتكە، خەلققە نەپ بېرىشتە يەنە مۇئەييەن پەرقلەر بار.

مەن بۇ يەردە زىيالىيلارنى خەلققە، جەمئىيەتكە قوشۇۋاتقان تۆھپىسىگە قاراپ مېۋە بېرىدىغان زىيالىي، مۇناپىق «زىيالىي» ۋە مېۋە بەرمەيدىغان زىيالىي دەپ ئۈچكە ئايرىپ، توختىلىپ ئۆتىمەن.

1. مېۋە بېرىدىغان زىيالىي

مېۋە بېرىدىغان زىيالىينىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىر مىللەتنىڭ سۈپەت، ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلار مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ. مېۋە بېرىدىغان زىيالىيلار كېچە-كۈندۈز ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان، مىللىتىنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان، ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىغا بىۋاسىتە ھەسسە قوشۇپ خىزمەت قىلىدىغان زىيالىيلار بولۇپ، بۇ خىل زىيالىيلار مىللىتىنىڭ ۋە دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى، تەقدىرى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. مەن بۇ يەردە مىللىتىمىزنىڭ دىنىي ۋە پەننىي زىيالىيلىرىدىن ئابدۇقادىر داموللام، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئىبراھىم تۇردى، ئابلىز مەخسۇم، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، كېرەم قارىم (كېرەم ئابدۇۋەلى) ۋە ئىلھام توختىلارنى مىللىتىمىز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان مېۋە بېرىدىغان زىيالىيلار دەپ كۆرسىتىپ ئۆتەلەيمەن.

بۇ زىيالىيلىرىمىز 1920-يىللىرىدىن بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ئۆتكەن، تارىخىمىزدا ياشىغان ۋە ياشاپ كېلىۋاتقان زىيالىيلىرىمىزدىن بىر قانچىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، خىزمەتلىرىنى، ھاياتىنى ھەممىمىز دېگۈدەك بىلىمىز.

بىز زىيالىلىرىمىزدىن مانا مۇشۇنداق زىيالىيلاردىن بولۇشىنى كۈتىمىز، بىز مانا مۇشۇنداق زىيالىيلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، بىز زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ۋە ئۆز مىللىتىگە مانا مۇشۇ زىيالىيلاردەك خىزمەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز، بىز زىيالىيلىرىمىزدىن مۇشۇنداق زىيالىيلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشىنى ۋە يېتىشىپ چىقىۋاتقان كېيىنكى ئەۋلاد زىيالىيلىرىمىزغا ئۈلگە بولۇشىنى، باشلامچىلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خەلقىمىز بۇ خىلدىكى زىيالىيلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىدۇ، قەدىرلەيدۇ، پەخىرلىنىدۇ، نامازلىرىدا بۇلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ، ئۆزلىرىگە باشلامچى قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى، خەلقىمىز تەرىپىدىن ئەسلىنىپ تۇرۇلىدۇ، بۇلارنىڭ ئوبرازى، خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئەجدادلىرىمىزدىن ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈلۈپ، مەڭگۈ ياد ئېتىلىدۇ. خەلقىمىز بۇ خىل زىيالىيلىرىمىزنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. ئاللاھتىن بۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە بەخت-سائادەت تىلەيدۇ، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى، تەقدىرى مۇشۇ خىلدىكى زىيالىيلىرىمىزغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خىل زىيالىيلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.

2. مۇناپىق «زىيالىي»

مۇناپىق زىيالىي دېگىنىمدە 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاتالمىش «شىنجاڭ» تېلېۋىزىيەسىنىڭ «بۈگۈنكى سۆھبەت» پىروگراممىسىدا ئاكادېمىك ئىلھام توختىغا «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» قاتارلىق ئەقىلگە سىغماس جىنايەتلەر ئارتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ئەركىن سامساق بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېردۇن پەتتار دېگەن بۇ ئىككى «زىيالىي»نى، ئىلھام توختىنى «مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى، ئۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دەپ جۆيلۈگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇت ئابدۇۋەلى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىدلىرىنى «تېررورچىلار» دەپ پەتىۋا بەرگەن نامدا «ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى»نىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈر نىياز قاتارلىقلارنى قىسقىچە مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمەن.

سىلەرچە بۇلار زىيالىيمۇ؟ ئوقۇغان، ئىلىم ئىگىلىرى مۇشۇنداق بولامدۇ؟ بۇ ۋەتەن ساتقۇچ خائىنلارنىڭ قىلىقى زىيالىي دېگەن نامغا ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ ئۆز دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانغا، ئۆز خەلقى ئۇيغۇرلارغا خائىنلىق قىلىش ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ئەمەل-مەنسەپ ئۈچۈن، ئايلىق مائاشى ئۈچۈن ئۆز خەلقىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلمىسا بۇ دۇنيادا ياشىيالماسمىتى؟ بۇلار ئوقۇپ ئىلىم ئېلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئار-نومۇسىنى، ۋىجدانىنى ساتقان مۇناپىقلاردۇر، خىتاي نەپەس ئېلىپ چىقىرىۋەتكەن بۇلغانغان ھاۋا بىلەن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق، ئالدى بىلەن ئۆزىگە بىلىم ئەمەس قۇللۇقنى ئۆزلەشتۈرگەن مۇناپىقلاردۇر. خەلقىمىز بۇ خىلدىكى مۇناپىقلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ، ئاللاھ تائالادىن بۇلارنى ھەر ئىككى دۇنيادا خار قىلىشنى تىلەيدۇ. بۇلاردىن نۇر ئەمەس، زۇلمەت تامىدۇ، بۇلارنىڭ زىيالىي دەپ ئاتىلىشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدۇ.

3. مېۋە بەرمەيدىغان زىيالىي

مېۋە بەرمەيدىغان زىيالىيلىرىمىز بولسا بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەپ قېلىۋاتىدۇ. دۇنيادا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بولغان، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ 65 يىلدىن بۇيان قانخور كوممۇنىست، تاجاۋۇزچى، ئىشغالىيەتچى، تېررورچى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەردە ياشاۋاتىدۇ. مىللىتىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا ئىنتايىن قارا نىيەت بىلەن ياۋۇزلارچە ئىجرا قىلىۋاتقان قانلىق سىياسىتى ئاستىدا پۈتۈن مىللەت بويىچە دۇنيادىن، دۇنيا تارىخىدىن يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدا سانى ئاز بولمىغان خەلقىمىز ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتىدۇ.

مانا مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە ئۆزى زىيالىي بولمىسىمۇ مىللىتى ئۇيغۇر بولغان، كىندىك قېنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا تۆكۈلگەن، بۇ زېمىننىڭ نېنىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ئوغلانىمىز ئوسمان ھەسەن 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆز ئانىسى بىلەن ئايالىنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، خىتاينىڭ يۈرىكى بولغان تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق خەلقىنى ئويغاتماقچى بولدى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلاپ، خەلقىگە ئۈمىد ئاتا قىلدى، جاسارەتلەندۈردى. مىللىتىگە دۇنيادا ھېچقانداق بىر مىللەت تېخى بۈگۈنگىچە قىلىپ باقمىغان پىداكارلىق ۋە باتۇرلۇقنىڭ ئۆرنىكى بولۇش ئارقىلىق سىگنال بەردى. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سەدىردىن ساۋۇت ئىسىملىك بىر قەھرىمان ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق خەلقىگە سىگنال بەردى، خەلقىنى ئۈمىدلەندۈرۈپ، مىللىتىگە جاسارەت ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى، مىللىتىنى ئويغاتماقچى بولدى. مەن بۇنىڭدەك ئونلىغان مىساللارنى كۆرسىتەلەيمەن.

ئەمما بىزنىڭ بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز نېمىش قىلىۋاتىدۇ؟

ۋەتىنىمىزدە بولسۇن، چەت ئەللەردە بولسۇن، يېقىنقى 10-20 يىل ئىچىدە ئوقۇپ كۆزگە كۆرۈنگەن، يېتىلىۋاتقان، ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان، ھەتتا دۇنيادا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولۇش سەۋىيەسىگە يەتكەن زىيالىيلىرىمىزمۇ چىقىۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى زىيالىيلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىدىن ھەممىمىز پەخىرلىنىۋاتىمىز. خەۋەرلىرىنى، ئىش-ئىزلىرىنى، پائالىيەتلىرىنى ئوقۇپ، ھاياجاندىن ئولتۇرالماي قېلىۋاتىمىز، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئالىملىرىمىزدىن، ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن، بۇلار توغرۇلۇق يېزىلغان ھەر خىل ماقالە، تېمىلارنى ھەرقايسى تورلارغا يوللاۋاتىمىز، ئىنكاسلىرىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈۋاتىمىز. ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ، شان-شەرىپىمىزنىڭ، ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنىڭ، كەلگۈسى تەقدىرىمىزنىڭ قانداق بولۇشىدا بىۋاسىتە رول ئوينايدىغان بىزنىڭ بۇ قىممەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك زىيالىيلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى نېمىش قىلىۋاتىدۇ؟

يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە دۇنيا تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادىكى نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىياتتىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. دۇنيا يارىتىلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ھېچقاچان دۆلىتى بولۇپ باقمىغان مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بار بولدى. بىز ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ جاھان سوراۋاتقان ۋاقىتلاردا تېخى ئىشتان كىيىشنى بىلمەيدىغان مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. ئەمما بىزچۇ؟

بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ھېچ بولمىسا «ۋەتىنىمىزنى قانداق قىلىپ مۇستەقىل قىلىمىز؟» دېگەن تېمىدا بىر پىلان لايىھەسى تەييارلىدىمۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بىر پىلان لايىھەسى تەييارلانمىغان بولسا، نېمىشقا تەييارلانمىدى؟ بۇنىڭ جاۋابكارى كىم؟ ئەگەر تەييارلانغان بولسا، بىز نېمىشقا بۇ خىل ھاياتتا ياشايمىز؟ ھېچ بولمىغاندا، بۇ 65 يىل ئىچىدە نېمىشقا شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان خەلقئارالىق بىر ئورگىنىمىز يوق؟ نېمىشقا خائىنلارنى، مۇناپىقلارنى تۇتۇپ ئېلىپ كېلىدىغان ساقچىلىرىمىز، جازالايدىغان سوت مەھكىمىلىرىمىز يوق؟ نېمىشقا بىرەر جايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 20-10 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەمىز يوق؟ نېمە ئۈچۈن بانكىلىرىمىز ۋە ئۇ بانكىلىرىمىزدا زاپاس تۇرىدىغان مىلياردلاپ دوللىرىمىز يوق؟ ئەگەر بۇلار دۆلىتىمىز مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلار بولسا، بىزنىڭ دۆلىتىمىز قاچان مۇستەقىل بولىدۇ؟ بىز 65 يىلدىن بۇيان نېمىش قىلدۇق؟

1933-يىلقى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سابىت داموللامنىڭ سۈرىتىنى ھەممىمىز كۆردۇق. بېشىدا ئەپچىل يۆگەلگەن سەللە، پاختىلىق چاپان ئىچىدە ئاددىي كۆرۈنىدىغان بىر چىراي. مانا بۇ بۇنىڭدىن 80 يىللار ئىلگىرىكى زىيالىيلىرىمىز بولۇپ، مانا مۇشۇ ئاددىي ئىنسان ئاشۇ جۇمھۇرىيىتىمىزنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، بۈگۈنكى بايرىقىمىزنى بىزگە مىراس قالدۇرالىغان، قالايمىقانچىلىق يىللاردىكى بەش-ئالتە خىل قوراللىق كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىقالىغان ۋە ئۆزلىرى قۇرۇپ چىققان جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىيالىغان، بېغىشلىيالىغان بىر ئىنسان، بىر زىيالىي ئىدى.

بىز بۈگۈنكى زىيالىيلىرىمىزغا قارايدىغانلا بولساق، ئۇ ۋاقىتتىكى زىيالىلىرىمىزدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە، ئىلمىي، ئىمكانىيەتلىرى قاتارلىق بارلىق جەھەتلەردە تامامەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما بۇ 65 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مىللىي دەۋايىمىزدا ئوينىغان رولى، قوشقان تۆھپىسىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئىككى يىل تەييارلىق قىلىپ، بىر يىل كۈرەش قىلىپ ئۈچ يىلدا بىر جۇمھۇرىيەتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولسا، بىز بۇ 65 يىل ئىچىدە شۇنچە ئىمكانىيەت، شۇنچە زىيالىيلىرىمىز تۇرۇقلۇق قاتمال ھالىتىمىزدىن قۇتۇلۇپ، دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بىرەر كۈچنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرالمىدۇق. بۇ ئەھۋالغا نېمە دەيمىز؟ بۇ مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ 80 يىل بۇرۇنقى زىيالىيلىرىمىزدا بولغان ئىرادە ۋە ئىقتىدار بۈگۈنكى زىيالىيلىرىمىزدا نېمىشقا يوق؟

ئۆز ۋاقتىدا بىزنىڭ جۇمھۇرىيىتىمىزنى بىرەر دۆلەتمۇ تۈزۈك ئېتىراپ قىلمىغانىدى. ئەمما ھازىر بىزنى ھەممە دېگۈدەك بىلىپ يەتتى. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىزگە ئەمەلىي ياردەم قىلىپ باقتى، ئەمما دەۋايىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان زىيالىيلاردىن تەركىب تاپقان كۈچىمىز بولمىغاچقا، ئۇ شارائىتتىن پايدىلىنالمىدۇق. 2004-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكىدا «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى» قۇرۇلدى. بۇ ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ بولغىچە، ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا تۈركىيە ئەلچىخانىسى زىياپەت بەردى، ياپونىيەلىك بىر ئايال بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ياپونىيەدىكى ئەلچىسى بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى. يىغىنلىرىمىزنى ئېچىش ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتى پارلامېنت زالىنى تەييارلاپ بەردى. سىپرۇس (شىمالىي قىبرىس) 1983-يىلى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە بولغان 30 يىل ئىچىدە بىر ئىسرائىلىيە ئېتىراپ قىلغانىدى. بىزنىڭ شارائىتىمىز ئەنە شۇنداق ياخشى بولسىمۇ، مىڭ ئەپسۇسكى بۈگۈنگىچە ھېچبىر ئىش قولىمىزدىن كەلمىدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟

يېقىنقى تارىخىمىزغا قارايدىغانلا بولساق، ۋەتىنىمىزدە 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدە بارىن ئىنقىلابى پارتلىدى، 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا قانلىق قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاينىڭ شاۋگۈەندە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى، 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەن قانلىق قىرغىنچىلىقى يۈز بەردى. چەت ئەللەردە بولسا قىرغىزىستاندىكى خىتاي كونسۇلى بىر مۇناپىق بىلەن بىرلىكتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىردى، تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان نارازىلىق ھەرىكەت ۋە نامايىشلار يۈز بەردى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغانلىقىغا يېتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ. بىر مىللەتتىن ھېچقاچان يۈزدە يۈز ئىنقىلابچى چىقمايدۇ، پۈتۈن خەلق ئويغىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت باشلىمايدۇ. ھەرقانداق بىر مىللەتتىن مەلۇم نىسبەتتە خەلقنىڭ ئويغىنىشى، ھەرىكەتكە ئۆتىشى بىلەن ئىنقىلاب باشلىنىدۇ. بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئېزىلىۋاتقان، سىستېمىلىق ھالدا بىخۇد ۋە نادان قالدۇرۇلۇۋاتقان خەلقنىڭ بۇ دەرىجىدە ئويغىنىشى، ئۆزلىرىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئارقا-ئارقىدىن ھاياتى بەدىلىگە ئىسپاتلاپ تۇرۇشى بىز ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن ئىچىدىلا ئەمەس، چەت ئەللەردىمۇ مىڭلىغان جەڭگىۋار كۈچىمىزنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكىلا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىپ كەتتۇق.

ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز نېمىش قىلىۋاتقاندۇ؟ نېمە ئويلاۋاتقاندۇ؟ مىللىتىمىز ئۇلارغا مۇشۇنداق ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلار نەدىدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ، ئەنگلىيەنىڭ، گېرمانىيەنىڭ، ياپونىيەنىڭ، فىرانسىيە... لەرنىڭ زىيالىيلىرى بار، ئۇلار ئۆز دۆلىتىگە يېتىپ ئاشىدۇ. ئەمما بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى يېتەرلىك ئەمەسلا بولۇپ قالماي، ناھايىتى ئاز. بىز مانا مۇشۇ سانى ئاز زىيالىيلىرىمىزغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدۇق. تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئېزىز. ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈلىدۇ، خاتىرىلىنىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ زىيالىيلىرىمۇ ئۆز مىللىتى ئىچىدە ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تاپىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بېشىغا ئەڭ ئېغىر كۈن چۈشكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك زىيالىيلىرىغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى. ئەمما بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىيالمايۋاتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغان مەدرىسە، سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغان مەكتەپ، سىياسەتكە ئارىلاشمايدىغان زىيالىي... دېگەندەك ئورۇن ۋە شەخسلەر چىقىشقا باشلىدى. بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ ئۇيغۇر خەلقى ئۆز زىيالىيلىرىدىن مۇشۇنداق دېيىشىنى كۈتەمدۇ؟ قايسى ھاياتتا سىياسەت يوق؟ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە بېشىدا ئوت كۆيۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە زىيالىلىرىمىز ئۆزىنى كۆرسەتمىسە، ئالغان بىلىمىنى ئىشلەتمىسە، ئۇ بىلىمنى قاچان ئىشلىتىدۇ؟ بىر ئىش قىلىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئادەملەرنى ھېلى سودىگەر دەۋاتقان، ھېلى تىجارەتچى دەۋاتقان، ھېلى ئوقۇمىغان قارا قورساق دەۋاتقان. بۇلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى زىيالىيلار ئويلىغاندەك، خەلقى ئارزۇ قىلغاندەك، ئۈمىد قىلغاندەك ئېلىپ ماڭالمايۋاتقان، قىلغان خىزمەتلەر كۈتكەن نەتىجىنى بەرمەيۋاتقان. دەۋايىمىز سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلىرىمىز يېتەرسىز قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوتتۇرىدا بىزنىڭ ئوقۇغان زىيالىيلىرىمىز بولمىسا، ئوقۇمىغانلىرىمىز ئوتتۇرىغا چىقىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

تورلاردا «شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن خەتنى كۆرۈپ قالسا رېئاكسىيە قىلىدىغان، يۈرىكى سېلىپ كېتىدىغان زىيالىيلار چىقىشقا باشلىدى. قولىدا قورال تۇتقان ئۇيغۇرنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ قالسا ئۆپكىسى پۇلاڭلاپ، يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالىدىغان زىيالىيلىرىمىز كۆرۈلۈشكە باشلىدى. «ۋاي بىزنى يامان كۆرسىتىپ قويىدۇ، ۋاي بىز دېگەن مۇشۇنداق ئىنقىلاب قىلىپ جىم ياتساق، ئامېرىكا، ياۋروپا ياردەم قىلىپ بىزنى ئازاد قىلىپ قوياتتى» دەيدىغان زىيالىيلىرىمىز چىقىشقا باشلىدى. بۇ نېمە گەپ؟ ئۇيغۇرلار قولىغا قورال ئېلىشتىن بۇرۇنقى 50 يىل ئىچىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى نېمىشقا ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىپ بەرمىدى؟ ئەمما ئۇلار خالىسا ھازىرمۇ كېچىكمەيدۇ. بىز ھېلىھەم ئامېرىكا ۋە ياۋروپا باشچىلىقىدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ ياشاۋاتىمىز. بىزنىڭ ئۇلاردىن قانچىلىك ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىمىزنى ئەسلىدە ئۇلارمۇ ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ. سىياسەتكە ئارىلاشماسلىق بىلەن ئۇيغۇرلۇقىڭلارنى يوشۇرۇپ قالالامسىلەر؟! خىتاينى رازى قىلالامسىلەر؟! ئەڭ كىچىك بىر ئىشمۇ بەدەلسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ھۆرمەتلىك ۋە ئىززەتلىك زىيالىيلىرىمىز! خىتاينىڭ زۇلمى چېكىگە يەتتى. مىللىتىمىز ئويغاندى، مىللىتىمىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار! مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيالىي بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى زىيالىي بولسۇن، مەيلى دىنىي زىيالىيلىرىمىز بولسۇن، دۆلىتىڭلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ، خەلقىڭلارنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدى ئىنتايىن زور. بىزنىڭ ئۈمىدىمىز بولغان سىلەر زىيالىيلىرىمىزنىڭ بۇ يازمىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئوقۇپ، ھەر بىرىڭلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ بېقىشىڭلارنى، پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىڭلارنى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە باش قاتۇرۇشۇڭلارنى، خەلقىڭلارنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى

بۇ خەۋەر 1066 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2022 10:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق