ما شىڭرۈي: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاتمايمىز

ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» كومپارتىيە دائىمىي كومىتېتى 26-ئۆكتەبىر ئاچقان يىغىندا سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ماشىڭرۇي يۇقۇمنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇش، بالدۇرراق نۆللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان 90 كۈندىن ئاشقان قامالدا خەلقنىڭ ئۆيىدىكى ئاشلىق تۈگەپ، ئاشلىق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقان. 20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولسىمۇ، بىراق ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى قاتتىق قامالنى يەنىلا بوشاتمىغان. قاتتىق قامال سەۋەبىدىن كۈزلۈك يىغىمنى ياخشى قىلالمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىسسىنىش ۋە ئۇندىن باشقا ئائىلىنىڭ ئاددىي ئېھتىياجىنى قامداشقا قۇربى يەتمىگۈدەك ھالەتكە كېلىپ قالغان. خەلقىمىز ئارىسىدا ئاشلىق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن جەمئىيەتكە قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم مۇراجىتى كۆپلەپ تارقالماقتا. ھالبۇكى خىتاي رېجىمى يەنە 26-ئۆكتەبىردىكى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننى قاتتىق كونترول قىلىپ يۇقۇمنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە دائىمىي كومىتېتى يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەش ھەققىدە يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىنغا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان. يىغىندا سۆز قىلغان ما شىڭرۇي: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۇقۇمنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇش، بالدۇرراق نۆللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

يىغىندا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» دىكى ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇقتىلىق رايون، ناھىيەلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى قارار قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتتىق قامالدا قالغىنىغا 90 كۈندىن ئاشقانلىقىنى، خەلقنىڭ ئۆيىدە يېمەكلىك قالمىغانلىقى، دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، چارۋىچىلارنىڭ ماللىرى ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىغان بىر مۇھىم پەيتتە، قىش پەسىلنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، خەلقنىڭ قىش پەسىلدىكى ئىسسىنىش، قىشلىق يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ غېمىنى قىلىشتا قاتتىق قىينىلىۋاتقانلىقىنى، ئەھۋال شۇنداق ئېچىنىشلىق بىر پەيتتە، خىتاينىڭ يەنە قاتتىق قامال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 852 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2022 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق