«ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى»دىكى چارۋىچىلارنىڭ ماللىرى قىرىلىپ كەتتى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش ياكى سولاپ داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە روھىي ساغلاملىق ۋە جىسمانىي ساغلاملىق جەھەتتە ئېغىر ئاپەت بولغاندىن باشقا، چارۋىچىلارنىڭ ئىگە- چاقىسىز قالغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگىمۇ سەۋەب بولغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى 80 كۈندىن ئاشقان قامال داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» نى جىددىي كۆپەيتىپ، دېھقان چارۋىچىلارنى مەركەزلەرگە كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلغان. 27-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدىن تارقالغان بىر قانچە سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، قاتتىق قامال مەزگىلىدە ياغقان قاتتىق قاردا قازاق چارۋىچىلارنىڭ ماللىرى ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتكەن.

30  سېكۇنتلۇق مەزكۇر سىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق قامال قىلىش تەدبىرلىرى سەۋەبلىك قازاق چارۋىچىلارنىڭ ماللىرى ئاچلىقتىن قىرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، دائىرىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشقا بولمايدۇ، چارۋا ماللىرىڭلارنى يايلاقتا باقمايسىلەر دېگەن چەكلىمىسى سەۋەبلىك ماللارنى يايلاققا قويۇپ بەرمىگەنلىكىنى، نەتىجىدە ماللارغا بېرىدىغان ئوت – چۆپلەرنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، ئوت-چۆپ تۈگەپ كەتكەن بىر پەيتتە قار ياغقانلىقىنى، ئاچلىقتا قالغان ماللارنىڭ قار ھەم سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى، شۇنچە ئېچىنىشلىق پەيتتە، يەرلىك دائىرىلەر ياكى قورچاق ئەمەلدارلار چارۋىچىلارنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ قىلغان تېلېفونلىرىنى ئالمىغانلىقىنى ۋە ياردەم تەلىپىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى، ماللىرىنىڭ توڭلاپ ئۆلۈشكە باشلىغانلىقىنى، ھەممە يەردە ماللارنىڭ ئۆلۈپ قارغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتىنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1894 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2022 18:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق