سىڭگىم خەلقى قۇتقۇزۇش چاقىرىقى ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش دېھقان ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلماقتا. خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە قاتتىق قامال قىلىش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر ئاپەت كەلتۈرمەكتە. ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى قىرغىن قىلىش رەزىل پىلانىغا يېتىش ئۈچۈن كېسەللەرنى داۋالىماي تاشلىۋەتكەن بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئۆلۈم-يېتىم  كۆپەيگەن. دېھقانلارنىڭ پەرۋىشسىز قالغان چارۋا ماللىرى، ئۈزۈملۈك باغلىرى ۋەيران بولغان. ئۈزۈملىرىنى شۇنچە جاپادا يىغقان دېھقانلار بازار ئېچىلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۈزۈملىرىنى ساتالمىغان. 90 كۈندىن ئاشقان قامال داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، سوغۇقتا ئىسسىنىش ئۈچۈن كۆمۈر ئالالمىغان تۇرپان دېھقانلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق قۇتقۇزۇش مۇراجىئىتى ئېلان قىلغان.

27-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپاندىن تارقالغان 15 سېكۇنتلۇق سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان شەھىرى سىڭگىم يېزىسىدىكى مەلۇم بىر دېھقان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قۇتقۇزۇش مۇراجىئىتى ئېلان قىلغان. ئۇ مۇراجىئەتتە: خىتاينىڭ قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتنى ئاشكارا قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى، تۇرپان خەلقى قۇتۇلدۇرۇشقا موھتاج بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەي ئىنسانلار سىڭگىم خەلقىنى، مۇرتۇق خەلقنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار! ئۈزۈملەرنى ساتالماي خىراجەت قىلغۇدەك پۇل قالمىدى! ئىسسىنىش ئۈچۈن كۆمۈرمۇ ئالالمىدى!» دەپ مۇراجىئەت قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا رەزىل مەقسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خەلقنىڭ مول-ھوسۇل ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقى ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاچلىق ۋە موھتاجلىقتا قالغانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقنىڭ ياردەم تەلەپلىرىنى ئاڭلىماس بولۇۋالغانلىقىنى، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاشكارا قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 950 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2022 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق