تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 دۆلەت ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى فېرىدۇن سىنىرلىئوغلى ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغان. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ قاتناشقان.
فېرىدۇن سىنىرلىئوغلى ئەپەندى سۆزىدە ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلاپ قېلىشى كېرەكلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشلارغا بولغان ئەندىشىسى ۋە ئۈمىدىنى توختىماي ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
فېرىدۇن سىنىرلىئوغلى سۆزىدە: «بىز شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلالمايمىز. خىتاينى ب د ت ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى تەييارلىغان دوكلاتتىكى تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز. تارىخ دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ياكى دۇنياۋى ئارزۇسىغا قاراپ ھۆكۈم قىلمايدۇ. بەلكى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئاجىز كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ» دېگەن.
سىنىرلىئوغلى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ