لىۋىيە بىلەن تۈركىيە مۇھىم ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

لىۋىيە بىلەن تۈركىيە ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىمگە غەرب ئەللىرى نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 26-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىم 2019-يىلى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپا دۆلەتلىرى مەزكۇر كېلىشىمگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا مۇداپىئە ۋە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى كۆرگەزمىسى قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار يىغىن جەريانىدا سۆز قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ مەقسىتى لىۋىيە خەلقنىڭ ئارزۇسى بويىچە تىنچ ۋە مۇقىم ياشايدىغان ۋە ئۇنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىگە كاپالەت قىلىدىغان لىۋىيەنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشۇش» دەپ تەكىتلىگەن. ئاقار سۆزىنىڭ ئاخىردا يەنە تۈركىيەنىڭ لىۋىيەلىك قېرىنداشلارنى قوللاش ئۈچۈن، لىۋىيە ئەسكەرلىرىنى ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇش، ياردەم ۋە مەسلىھەت بېرىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇۋاتقان چەت ئەل دۆلىتى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى كېلىشىمنىڭ شۇ يىلى تىرىپولىدا ئىمزالىغان «بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى يولغا قويۇش كېلىشىمنامىسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇلۇسى ئاقار بىلەن دىبەيبە ئىمزالىغان كېلىشىملەرنىڭ بىرى لىۋىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش مەشىقى كېلىشىمنامىسى» دائىرىسىدە، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ لىۋىيەنىڭ ھەربىي ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشكە ھەسسە قوشۇشى مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئىمزالانغان قوشۇمچە كېلىشىمنىڭمۇ تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «مۇداپىئە ۋە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى كۆرگەزمىسى» نى يەنە ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بەن ۋاللاسمۇ زىيارەت قىلدى ۋە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ ھەمراھلىقىدا كۆرگەزمىنى ئايلانغان ۋاللاس تۈركىيەنىڭ ھەربىي سانائەتتىكى تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 731 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2022 17:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق