خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى يىللىق چېگرا توقۇنۇشىدىن كېيىن چىقىرىلغان قارار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستانلىقلار يېڭى دېھلىنىڭ خىتايغا بەك كۆپ يول قويغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاقلىرىدىن ئايرىلىدىغانلىقىدىن نارازى بولغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 26-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى بىلەن خىتاي ئارمىيەسى 9-ئايدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، شەرقىي لاداخنىڭ گوگرا ئىسسىق بۇلاق رايونىدىكى بىر چېگرا نۇقتىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، جىددىي ھالەت گىردابىغا بېرىپ قالغان چېگرا ماجىرالىرىنىڭ بىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
ئاخبارات ئانالىزچىسى دامېن سىمون يېقىندا تىۋىتتېردا سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى ھەمبەھرىلەپ، خىتاينىڭ چېكىنىپ چىققانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇ تىۋىتتىر ھېساباتىدا: «خىتاي تارقاتقان سۈرەتلەر ئىلگىرىكى چېگرا گازارمىدىن يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ئەمما ئىچكى جەھەتتە يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇش يەنىلا مەۋجۇت» دېگەن.
كۆپ قېتىم مۇداپىئە ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلغان ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى پراۋىن ساۋنىي نىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى ئىككى يىل ئىلگىرى ئىگىلىۋالغان زېمىندىن بىر سانتىمېتىرمۇ چېكىنمىگەن. خىتاي ئارمىيەسى چېكىنگەن ئورۇن ۋە توقۇنۇش بولغان رايون ھىندىستان زېمىنىنىڭ ئالتە كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە ئىكەن.
ھىندىستان مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي پارتىيە ئەزاسى ۋە سابىق رەھبىرى راھۇل گەندى تىۋىتتىردا بۇ شەرتنامە ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. ئۇ يازمىسىدا: «خىتاي ھىندىستاننىڭ 2020-يىلى 4-ئايدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغان. باش مىنىستىر نارېندرا مودى ئۇرۇشماي تۇرۇپ خىتايغا تەسلىم بولۇپ، 1000 كۋادرات كىلومېتىر يەرنى خىتايغا بەردى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرەلەمدۇ، قولدىن بېرىپ قويغان زېمىننى قانداق قايتۇرۇپ ئالالايدۇ؟» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، گەرچە بۇ رايوندا جىددىي ۋەزىيەت پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك چارۋىچىلار ئىلگىرىكى بۇلاق رايونىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئوتلاقلاردىن ئايرىلىشنى رەت قىلغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ توقۇنۇشى يېڭىدىن باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ