خىتاي ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى»نى جىددىي كۆپەيتمەكتە

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە روھىي ساغلاملىق ۋە جىسمانىي ساغلاملىق جەھەتتە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندىكى 80 كۈندىن ئاشقان قامالدا خەلقىمىزنىڭ ئۆيىدىكى ئاشلىق يېتىشمەي قىينىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» نى جىددىي كۆپەيتمەكتە. 20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولسىمۇ بىراق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قاتتىق قامالنى يەنىلا بوشاتمىغان. 25-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان بىر قانچە سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە مەكتەپنىڭ دەرسخانىلىرى ۋە رېستورانلارنىمۇ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» قىلىپ ئىشلەتكەن.

25-ئۆكتەبىر تارقالغان 15 سېكۇنتلۇق سىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم مەكتەپ دەرسخانىسىنى ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» قىلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئۈستەل بىلەن ئورۇندۇقلىرىنى بىر تەرەپكە يىغىپ قويۇپ، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى يەردە يېتىشقا مەجبۇرلىغان.

يەنە بىر سىندا مەلۇم بىر رېستوراننى ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

27-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» دىن تارقالغان بىر قانچە سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، يېڭى پۈتكەن مەركەزگە سولانغان ئادەمنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كارىۋاتلار ھېچقانداق ئارىلىق قويۇلماستىن بىر-بىرىگە يېقىن قويۇلغان. بۇ كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» گە سولاشتىكى مەقستىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولماستىن، بەلكى كېسەلنى ئۆزئارا يۇقتۇرۇش ئارقىلىق قىرغىن قىلىش ئىكەنلىكىنىڭ ئەمەلى پاكىتى دەپ قارالماقتا.

شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىلىۋاتقان ھەرخىل سىنلاردا خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» نامىدا جىددى سېلىۋاتقان كىچىك ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ كېچە – كۈندۈز داۋام قىلىۋاتقانلىقىمۇ خىتاينىڭ شۇم نىيىتىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2022 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق