ئۇيغۇرلار نامەلۇم سۇيۇقلۇقنى ئىچىشكە مەجبۇرلانماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تېشىدىن تاقاپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قىلمىشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلانغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرى»غا كوللېكتىپ قامىغاندىن باشقا، نامەلۇم سۇيۇقلۇقنى ئىچىشكە مەجبۇرلىغان.

25-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن ئېرىشكەن بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامەلۇم بىر جايىدا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ كوللېكتىپ ھالدا ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» گە ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈشلەر تارقىتىلغان. مەزكۇر سىندا دېرىزىدىن دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى كۆرگەن تۆت ياش ئەتراپىدىكى بىر بالىنىڭ ئېچىنغان ھالدا يىغلاپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا خىتاي رېجىمى خادىملىرىنىڭ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» دىكى كىشىلەرنى نامەلۇم سويۇقلۇقنى ئىچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىندا بىر كىشى نامەلۇم سۇيۇقلۇقنى ئېچىۋاتقان بولۇپ، خادىملار مەزكۇر كىشىنى قۇتىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ھەممىنى ئىچىپ بولغانغا قەدەر يېقىن كېلىپ كۆزىتىپ تۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئالدىنقى كۈنلەردىكىگە قارىغاندا ئازلىغانلىقىنى بىراق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» گە جىددىي تۇتقۇن قىلىشنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ بۇ جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 900 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2022 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق