شى جىنپىڭ ھوقۇقنى قايتىدىن قولغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاي بايلىرى ئەندىشىگە چۈشۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن چەت ئەلگە قېچىشقا باشلىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيە رەئىسى شى جىنپىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ئۈچىنچى قېتىم ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي مىلياردېرلار ۋە سەرخىللارنىڭ خىتايدىن قېچىپ كېتىشنى تاللىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان. مەزكۇر خىتاي بايلار پۇللىرىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئانچە ئەنسىرىمىسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىكەن. باي خىتايلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسپىي ئادۋوكات داۋىد لېسپېرانس نىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي بايلىرىنىڭ «شەخسىي ئايروپىلان، پاسپورت ۋە چەتئەل بانكا ھېساباتى تەييار بولۇش دېگەندەكلەرنى، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيايىمىز» دەيدىغان شوئارى بار ئىكەن.
مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ قايتا سايلانغان ھامان خىتاينىڭ بايلىرى ھەمدە سەرخىللىرى قېچىش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. داۋىد لېسپېرانسنىڭ ئېيتىشىچە، شىنىڭ ھاكىمىيەتنى قايتىدىن ئىگىلىشى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشىدىن پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي بايلىرى ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن. شى جىنپىڭنىڭ ئورنىنىڭ مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈچ باي ئائىلە ئادۋوكات لېسپېرانسقا خىتايدىن قېچىش پىلانىنى سۇنغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن خىتايلار نەچچە يىل ئىلگىرى خىتايدىن ئايرىلىشقا تەييارلىق قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مال-مۈلۈكلىرىنى قانۇنلۇق ھالدا بىخەتەر يۆتكەش ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە يېڭى نوپۇس ئېلىش ۋە ئۆي سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلار بار ئىكەن. خىتايدىكى بايلار خىتاي رېجىمىنىڭ باج سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا پۇل ئىئانە قىلىشنى تەلەپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپلا قالماي، بەلكى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىنمۇ ئەندىشە قىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ