تاراتقۇلار: شى جىنپىڭنىڭ مۇددەتسىز ھاكىمىيىتىگە كۈچلۈك خەتەر تۇيغۇسى قوشۇلدى

شى جىنپىڭ كومپارتىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا بارلىق ئاماللار بىلەن مۇددەتسىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتىگە كۈچلۈك خەتەر تۇيغۇسى قوشۇلغان.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقان بولۇپ، نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ كومپارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى بولغان سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ چاپارمەنلىرىنى ئالماشتۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە بىر قاتار دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى، ئارمىيە قوماندانلىرى، ئىنژېنېرلار ۋە تېخنىك خادىملىرىنى سىياسىي بىيروغا تەيىنلىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ۋە تېخنىكا ساھەسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خۇدسون ئىنستىتۇتى خىتاي ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈ ماۋچۈننىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي مەزگىلىدە كومپارتىيەنىڭ بۇرچى ھەققىدە سۆزلىگەن. 20-قېتىملىق قۇرۇلتايدا بىخەتەرلىككە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە قارشى كۈچلەرنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. شىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرىدىكەن.

يۈ ماۋچۈن شى جىنپىڭنىڭ 19-قېتىملىق قۇرۇلتايدا قىلغان دوكلاتى بىلەن 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىكى دوكلاتىنى سېلىشتۇرغان. شى 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئۈمىدۋارلىق ۋە دادىللىق، يەرشارى تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، 20-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا بىخەتەرلىك ۋە كۈرەش دېگەنلەر ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلانغان. شى جىنپىڭ ئاساسلىقى بىخەتەرلىك، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ۋەزىيەتنىڭ ئالدىنقى قۇرۇلتايغا ئوخشىمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. شى جىنپىڭ يەنە خەلقئارادا خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك خەتەر تۇيغۇسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 707 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2022 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق