كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى

كانادا پارلامېنتى 25-ئۆكتەبىر بېلەت تاشلاپ، ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلىدى

رۇسىيە سىپاتنىك ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا پارلامېنتى 25-ئۆكتەبىر ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپى ھەققىدە بېلەت تاشلاپ، 0 گە قارشى 258 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىغان. بۇ تەكلىپ لايىھەسى ئاۋام پالاتاسى كۆچمەنلەر كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى قوللاش ئۈچۈن تەستىقلانغان بولۇپ، دوكلاتتا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىشىكنى ئېچىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى گارنېت گېنۇئىس ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەكلىپنى كانادادىكى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قوللىغان، ئەمما باش مىنىستىر جاستىن تىرۇدونىڭ كابىنېتى ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. جاستىن تىرۇدونىڭ كابىنېتى 2021-يىلى 2-ئايدا كانادا ئاۋام پالاتاسى تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىمۇ ئوخشاشلا ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنىدى.

كانادا 2020-يىلى تاموژنا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، ئەمما ھازىرغىچە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئىسپاتلانغان بىر تۈركۈم تاۋارلارنى چەكلىمىگەن. بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاش كانادا پارلامېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئىشىك ئېچىشنى تەلەپ قىلىشى ئەمەس بولۇپ، 2019-يىلى ئاۋام پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە يولۇققان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە پاناھلىق بېرىشكە چاقىرغانىدى، ئەمما ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 912 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2022 12:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق