24-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا رىشى سۇناك 182 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولدى. بۇ پارلامېنتتىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %51 نى ئىگىلەيدىكەن. سايلام نەتىجىسى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13:30 دا ئېلان قىلىندى.
رىشى سۇناك ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، سايلامدا ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى بولغان پېنني موردائۇنت پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېتەرلىك قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن نامزاتلىقتىن چېكىنگەن. سايلامغا قاتناشماقچى بولغان سابىق باش ۋەزىر بورىس جونسونمۇ يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن رىشى سۇناك بۇ قېتىمقى سايلامغا رەقىپسىز قاتناشقان ھەمدە تۇنجى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتىلا ئۇتۇپ چىققان. ئەنگلىيەنىڭ رىشى سۇناكتىن بۇرۇنقى باش ۋەزىرى لىز تراس پەقەت 45 كۈن باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنىدى.
رىشى سۇناك ئەنگلىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغان تېگى ھىندىستانلىق بىر سىياسەتچى بولۇپ، 1980-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان. دەسلەپ ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ۋىنچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان. كېيىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە، سىياسەت ۋە ئىقتىساد كەسىپلىرىدە ئوقۇغان، كېيىن يەنە ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان.
ئۇنىڭ ئايالى ھىندىستانلىق مىلياردىر نارايانا مۇرتھىينىڭ قىزى ئاكسھاتا مۇرتھىي بولۇپ، ئۆزىمۇ ئەنگىلىيەدىكى سىياسەتچىلەر ئىچىدە ئەڭ باي سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
ئۇ 2015-يىلى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 2019-يىلىدىن باشلاپ مالىيە ۋەزىرى بولغان. ئۇنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغان ھىندىستان نەسىللىك بىر ئادەم بولۇشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەڭ ياش باش ۋەزىر بولغانلىقىمۇ دىققەت قوزغىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ