شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت ئەزالىرىنى ئۆزى بىر قوللۇق كونترول قىلغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئىككى مۇھىم كومىتېتنى بېكىتىشكە ئۆزى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلغان. خىتاي كومپارتىيەسى 22-ئۆكتەبىر يېڭى مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يېڭى ئەزالىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، شى جىنپىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا يېڭىدىن تەيىنلىندىغان ئىككى كومىتېتنىڭ ئەزالىرى مەسىلىسىدە پىلان تۈزۈشكە باشلىغان.
مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شى جىنپىڭ كومپارتىيەنىڭ ئىككى كومىتېت ئەزالىرىنى تەيىنلەش جەريانىنى ئۆزى كونترول قىلغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ يېڭى ئەزالارنى ئۆزى پىلانلىغان ھەمدە ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان. ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا، شى جىنپىڭنىڭ باشچىلىقىدا ئالدىنقى 20 نەپەر كومىتېت ئەزاسىنى تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىدىغان گۇرۇپپا قۇرۇلغان. كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە شى جىنپىڭ ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، مەركىزى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپىلىرى مۇدىرلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، يېڭى ئەزالارنى تەييارلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان. ھەمدە كاندىداتلارنى تاللاشتا قاتتىق كونترول قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ئۈچ تۈركۈمدە 45 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىمۇ سەككىز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ھەربىي رايوننى تەكشۈرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا سىياسىي ئۆلچەم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان. ئىككى كومىتېتنىڭ كاندىداتلىرى ھەققىدە 1007 كىشىدىن پىكىر ئالغان. 731 كىشى تەكشۈرۈلۈپ بۇ ھەقتە دوكلات قىلىنغان. 20 دىن ئارتۇق كاندىدات ئەزالىرى تەكشۈرۈش ۋە تاللاش نامزاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ