قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز: ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

80 كۈندىن ئاشقان قامالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيىدىكى ئاشلىق تۈگەپ ئاشلىق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاتتىق قامال قىلىش سەۋەبلىك چارۋىچى ۋە دېھقانلار ئېغىر زىيان تارتىپ ھالىدىن كەتكەن بىر پەيتتە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» نىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى قاتارلىق رايونلاردا ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش» خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ: «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 23-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى قاتارلىق رايونلارنى تەكشۈرگەن بولۇپ: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ماناس، قۇتۇبى، فۇكاڭ قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئاتالمىش «مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىلىرى»نى تەكشۈرگەندە، ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش ئورنى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ۋە كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ: «ئايرىش سورۇنلىرىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئىشلىتىشنى سىستېمىلىق ئىشلەش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتتىق قامالدا قالغىنىغا 80 كۈندىن ئاشقانلىقىنى، خەلقنىڭ ئۆيىدە يېمەكلىك قالمىغانلىقى، دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، چارۋىچىلارنىڭ ماللىرى ئاچلىقتىن قىرىلىپ كەتكەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىغان بىر مۇھىم پەيتتە، قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، خەلقنىڭ قىش پەسلىدىكى ئىسسىنىش، قىشلىق يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ غېمىنى قىلىشتا قاتتىق قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 960 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2022 18:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق