خوتەندە 5.1 بال يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 23-ئۆكتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 22:53 دە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 37.71 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.85 گىرادۇس) 5.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 17 كىلومېتىر ئىكەن.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بەش يىلدا يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە 3 بال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى 166 قېتىم يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش بۇ يىل 17-مارت خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋە تەۋرەش دەرىجىسى 5.2 بال بولغان. بۇ قېتىمقىسى ئالدىنقى قېتىملىق يەر تەۋرەش مەركىزىدىن 178 كىلومېتىر يىراقلىقتا تەۋرىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم يەر تەۋرىگەن رايونىنىڭ 20 كىلومېتىر دائىرىسىدە قۇمباش كەنتى قاتارلىق بىر قانچە كەنت بار ئىكەن. 20 كىلومېتىر ئىچىدە يېزا-بازار يوق ئىكەن. 50 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە، پىشنا يېزىسى، باشلەڭگەر يېزىسى، كۆكتېرەك يېزىسى، گۇما بازىرى، قوشتاغ بازىرى، كىلىياڭ يېزىسى قاتارلىق يېزىلار بار ئىكەن. خىتاي رېجىمى تېخىچە ئاپەت بولغان رايوندا مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان ياكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر بەرمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1071 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2022 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق