ئۇيغۇرلار ئاتالمىش «كارانتىن مەركەزلىرى»گە توپ-توپ قامالماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تېشىدىن تاقاپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قىلمىشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلانغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارنى نامەلۇم «ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرى»غا كوللېكتىپ قاماشنى داۋاملاشتۇرغان.

23-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامەلۇم بىر جايىدا ئۆيىدە بەخىرامان ئولتۇرغان بىر خىتاي ئاققۇن ئۆزىنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قالغان ھالدا، شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، نامەلۇم بىر يەردىكى «كوللېكتىپ ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى»گە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

سىندا مەزكۇر خىتاي ئەتراپى سىم تور بىلەن ئورالغان، نامەلۇم ئورۇنغا ئادەم توشۇغان ئۈچ ئاپتوبۇسنى كۆرسىتىپ، كارانتىن مەركىزىگە يەنە ئۈچ ئاپتوبۇس ئادەم ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، بۇ ئاپتوبۇسلاردا لىق ئادەم بارلىقىنى، ئۈچ ئاپتوبۇستا ئاز دېگەندە 100 ئادەم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يەرگە جىددىي ئادەم توشۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

 

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئالدىنقى كۈنلەردىكىگە قارىغاندا ئازلىغانلىقىنى بىراق خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان شەكلى ئۆزگەرگەن لاگېرلارغا ئۇيغۇرلارنى قاماشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك پۈتۈن دۇنيانىڭ قاتتىق بېسىمىغا ۋە جازاسىغا ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنى ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارىلىنىۋاتقان پۈتۈن سىنلاردا ئاشكارىلانغان ئاتالمىش «تەدبىرلەر»نىڭ ئەمەلىيەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 879 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2022 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق