خىتاي ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى»نى جىددىي كۆپەيتمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان، 80 كۈندىن ئاشقان قامالدا خەلقنىڭ ئۆيىدىكى ئاشلىق تۈگەپ، ئاشلىق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقان بولۇپ، 20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولسىمۇ، بىراق ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى قاتتىق قامالنى يەنىلا بوشاتمىغان. 23-ئۆكتەبىر كورلىدىن تارقالغان بىر قانچە سىندا خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى»نى قۇرۇشنى كېچە-كۈندۈز جىددىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر سىنلاردا خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى»نى جىددىي كۆپەيتىشكە باشلىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى ئېنىق بولغاچقا، يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىنقى كۈنلەرگە قارىغان كۆرۈنەرلىك چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق قامالنى بوشاتمىغان. سىندا تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئورۇننىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇنداق كېتىۋەرسە كېچىسى ئۇخلىماي ئىشلەپ كېتىدىغان بولدۇق» دېيىشكەن. يەنە بىر سىندا ئىشچىلارنىڭ كېچىدە توختىماي ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە كومىتېتى ئاخبارات ئىشخانىسى 23-ئۆكتەبىر ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا 23-ئۆكتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كېچە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 10 ى كۆپەيگەنلىكى، بۇلار ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەتتە، غۇلجىدا ئۈچ ئىكەنلىكى، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 125 ى كۆپەيگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدە 76، غۇلجىدا 29، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئالتە، تۇرپاندا يەتتە، كورلىدا يەتتە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 746 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2022 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق