خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 22-ئۆكتەبىر يېپىلغان بولۇپ، يېڭى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى شى جىنپىڭنىڭ زوراۋانلىق كۈچىنى نامايەن قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بىر نەچچە كۈنلۈك يېپىق يىغىن ئاچقاندىن كېيىن شەنبە كۈنى يېپىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتاي قائىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچىنچى قېتىم بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر كۈن كېيىنلا، كومپارتىيەنىڭ ئادىتى بويىچە، بىرىنچى ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى سىياسىي ئىدارىسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئەزالىرى تەيىنلىنىدىكەن. بۇ كومىتېت كومپارتىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى قارار چىقىرىش ئورگىنى بولۇپ، يېڭى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ زوراۋان ھاكىمىيىتى كۈچىنىڭ نامايەندىسى بولىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئادەتتە قۇرۇلتايدىن نەچچە ئاي ئىلگىرى كومپارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرى ئارىىسدا يوشۇرۇن كېڭىشىش ئارقىلىق بەلگىلىنىدىكەن. يېڭى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى كېڭىشىشتە، شى جىنپىڭ پارتىيەدىكى رەقىبلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئۆزىگە قارشى ئاقساقاللارنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئەندىشە قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولسا، كوممۇنىست پارتىيەنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى بولۇپ، پارتىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن. ئۇندىن باشقا بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاتالمىش «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ پارتىيە ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈش-كىرگۈزۈلمەسلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ