خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 22-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئاخىرقى كۈنى يىغىن زالىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى يەنە بىر نۆۋەتلىك ھوقۇقنى ئىگىلىگەن شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 22-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان بولۇپ، خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 205 ئەزاسىغا شى جىنپىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ ھەممىسى كىرەلىگەن. لى كېچياڭ ۋە ۋاڭ ياڭ بولسا سەپتىن چۈشۈپ قالغان.
يىغىننىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە خىتاي رېجىمىنىڭ بۇرۇنقى رەئىسى خۇ جىنتاۋ سەھنىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى سىندا كۆرسىتىلىشىچە، نامەلۇم ئىككى خىزمەتچى خادىم كېلىپ شى جىنپىڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان خۇ جىنتاۋنى سەھنىدىن ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان. خۇ جىنتاۋ ئايرىلىشنى خالىماي تارتىشىپ باققان بولسىمۇ، ئاخىرىدا خىزمەتچى خادىملار تەرىپىدىن ئاستا ئېلىپ مېڭىلغان. ئۇنىڭ ئايرىلىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭغا بىر-ئىككى ئېغىز سۆز قىلغانلىقى ۋە لى كېچياڭنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويغانلىقى سىنغا ئېنىق چىقىپ قالغان.
نۆۋەتتە خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بۇ توغرۇلۇق تۈرلۈك پەرەزلەر ۋە ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم