خىتاي كوممۇنىست رېجىمى 20-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى داۋام قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئاتالمىش «شىنجاڭ» ۋەكىللەر ئۆمىكى 20-ئۆكتەبىر ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 20-ئۆكتەبىر كەچتە، 20-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى 5-مەيدان كوللېكتىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنلىن چىڭخەي، نىڭشيا ۋە باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۆمەكلىرى بىلەن بىللە كوللېكتىپ زىيارەتكە قاتناشقان.
يىغىندا جاڭ چۈنلىن مۇخبىرلارنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىمىز »دەپ بىلجىرلاپ، كەلگۈسى بەش يىلدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
جاڭ چۈنلىن مالايشىيا دۆلەت ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ: «ئون يىلدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئەمىن ئۆي، داۋالاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇقىملىق قاتارلىق ساھەلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق» دەپ بىلجىرلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ يەنىلا بۇ تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ بۇ جەھەتتىن قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ