خىتاي شىركىتىنىڭ گېرمانىيە پورتىنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشى ئەندىشە قوزغىدى

خىتاينىڭ توشۇش شىركىتى جۇڭيۈن گۇرۇھىنىڭ گېرمانىيە ھامبۇرگ پورتىنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشى گېرمانىيەدە ئەندىشە پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەندىشىسىمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئىگىدارچىلىقىدىكى توشۇش شىركىتى جۇڭيۈن گۇرۇھىنىڭ ھامبۇرگ پورتىنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى گېرمانىيەدە ئەندىشە قوزغىغان. سودا ساھەسىدىكىلەر خىتاينىڭ سودا ۋە مەبلىغىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىش نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ گېرمانىيەدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەسىلىدە گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئىچىدە پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەرنىڭ قارشىلىقى كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ تۈرگە قارشى بېلەت تاشلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇڭيۈن گۇرۇھى بۇلتۇر گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگدىكى ئۈچ چوڭ پورتنىڭ بىرى بولغان تولېرروت پورتىنىڭ %35 پېيىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇ تۈر 2021-يىلى 9-ئايدىلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ گېرمانىيە «سودا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىدە گېرمانىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر گېرمانىيە مەزكۇر مەبلەغنى تەستىقلىسا، گېرمانىيە سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر ئۇچۇرلار خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ» دېگەن

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى جۈمە كۈنى بىريۇسسېلدا ئۇچراشقان بولۇپ، خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تايىنىشنى ئازايتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقتىكەن.

ئامېرىكا خەۋەر تورى «سىياسەت»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر روبېرت خابېكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيە ئالتە ھۆكۈمەت تارمىقى بۇ تۈرنىڭ گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي تايىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر جۇڭيۈن گۇرۇھىنىڭ سېتىۋېلىش پىلانىنى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇل ئەسلىھە كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرى ئارقىلىق تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇپ، خىتاي زاۋۇتلىرىنى غەرب بازىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ ساھەدە ھامبۇرگ پورتى پەقەت خىتاينىڭ سودىنى كېڭەيتىش پىلانىدىكى تايانچ كۈچ بولۇپ قالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 799 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2022 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق