ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شى جىنپىڭنى جازالاش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكىنىڭ بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئۇنى جازالاش تەكلىپى سۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خاۋلېي شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ جازالاش ھەققىدە يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ تەكلىپتە يەنە: «بىز شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى خاۋلېي 20-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭدىكى ۋەھشىي جىنايىتى ئۈچۈن شى جىنپىڭنى جازالاش قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قانۇن لايىھەسىدە شى جىنپىڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

خاۋلېي باياناتىنىڭ داۋامىدا يەنە: «بىز كۆرۈپ تۇرۇپ كۆزىمىزنى يۇمۇۋالالمايمىز، بىز چوقۇم شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى جاۋابكارلىقىغا مەسئۇل قىلىشىمىز كېرەك، بىز ئالدى بىلەن ئۇلارنى شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۈركىستاندىكى) ۋەھشىيلىكى ئۈچۈن ھەقىقىي بەدەل تۆلەتكۈزۈشىمىز لازىم» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى تەستىقتىن ئۆتۈپ قالسا، شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ۋە ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلەش قاتارلىق جازالار يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئەمەلدارى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئېنىقلاپ قەرەللىك دوكلات سۇنۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 850 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2022 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق