خىتاي رېجىمى تېخىمۇ قاتتىق قامالدىن بېشارەت بەردى

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق قامال 80 كۈندىن ئاشقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي رېجىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەققىدە يىغىن ئېچىپ، رايوننى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ 19-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاتالمىش: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى يىغىنى» ئېچىپ، 20 ـ قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە» دېگەن سۆزىنى تەكىتلىگەن.

قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز يىغىندا: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ جار سالغان.

دائىرىلەر يىغىندا يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدە خادىم، ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىنى قاتتىق ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان قامال مەسىلىسىنى كوممۇنىست پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدىمۇ تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى قاتتىق قامال قىلىپ، خەلقنى قەستەن ئاچ قويۇپ قىيناش بىلەن بىرگە، دورا بەرمەي ۋە داۋالىماي تاشلاپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1100 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2022 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق