خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ماشىنا باتارېيەسى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىسى بولغان نىڭدې شىركىتى جازاغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئامېرىكا ۋە مېكسىكىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئاستىلاتقان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان نىڭدې شىركىتى ئامېرىكىدىكى يېڭى باتارېيە زاۋۇتلىرىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئاستىلاتقان بولۇپ، ئەسلىدە بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئامېرىكا ۋە مېكسىكىدا يېڭى زاۋۇت ئېچىشنى ئويلاشقانىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ شىركەت دۇنيادىكى ھەر ئۈچ باتارېيەلىك ماشىنىنىڭ بىرىنى باتارېيە بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
مېكسىكىنىڭ شىمالى، جەنۇبىي كارولىنا ياكى كېنتتۇككىغا مەبلەغ سېلىش پىلانى نىڭدې شىركىتىنىڭ خىتاي سىرتىغا كېڭىيىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. مەزكۇر شىركەت خىتايدىكى باتارېيە بازىرىنىڭ يېرىمىنى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، فورد ۋە BMW قاتارلىق ئاساسلىق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى كىشىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ، باتارېيە ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشقا قاتتىق يېڭى چەكلىمىلەرنى قويغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىسىدىن قورقۇپ، شىمالىي ئامېرىكىدا قۇرۇشنى پىلانلىغان يېڭى زاۋۇت ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىنى ئاستىلاتقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ