خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرلىقى جىددىي يىغىن چاقىردى

خىتاي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپى ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى ئېلان قىلغان ئۆزەك ۋە تېخنىكىغا بولغان ئېكسپورتنى كونترول قىلىش مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە بىر قانچە قېتىم جىددىي يىغىن چاقىرىپ، خىتايدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق يۇقىرى دەرىجىلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن بايدېن ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۆزەك ۋە تېخنىكىغا بولغان ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى باھالىغان. يىغىندا ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرى ۋە مۇناسىپ تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن قاتناشقۇچىلار ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ بۇ ساھەنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە خىتاي ئىقتىسادىنى ئامېرىكا تېخنىكىسىدىن مۇستەقىل قىلىش نىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

شى جىنپىڭ 16-ئۆكتەبىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە، تېخنىكىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىلىق تەرەققىيات مەسىلىسىدە ئۆزىگە تايىنىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى جەمئىيىتى ئالدىنقى ھەپتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تېخنىكا ئېكسپورت كونترول قىلىشنى باھانە قىلىپ، خەلقئارا سودىنى خالىغانچە قالايمىقان قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى ۋە باياناتىدا: «بۇ بىر تەرەپلىمە سىياسەت يەر شارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىگە تېخىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2022 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق