خىتاي سىرتقا چىققانلارنى تۈرمىگە سولاش بىلەن تەھدىت سالدى

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تېشىدىن تاقاپ ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر ئاپەت بولماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى 80 كۈندىن ئاشقان قامالدا خەلقىمىزنىڭ ئۆيىدىكى ئاشلىق تۈگەپ، ئاشلىق ياردەم مۇراجىئەتنامىلىرى كۆپەيمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى يەنىلا خەلقىمىزنىڭ ئىشىكىگە پىچەت چاپلاپ قامال قىلىش بىلەنلا قالماستىن، ئاتالمىش ئايرىپ كۆزىتىش نامىدا ئەخلەتخانىدىنمۇ پاسكىنا ۋە ناچار شارائىتتىكى جايلارغا قاماپ، كۈندە بىر ۋاخ ناچار يېمەكلىك بېرىپلا ھېچقانداق نەرسە بىلەن كارى بولماقتا قىينىماقتا ۋە خورلىماقتا. 20-ئۆكتەبىر تارقالغان سىندا تۇرپاندىكى دېھقانلار سىرتقا چىقسا قاماقخانىغا سولىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىنغان.

20-ئۆكتەبىر تارقالغان ئۈچ مىنۇتلۇق سىندا تۇرپاندىكى مەلۇم كەنتتىكى جاپپار ئىسىملىك بىر ئەمەلدار ئۈندىدار توپى ئارقىلىق توپتىكى دېھقانلارغا تەھدىت سېلىپ، ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر سىرتقا چىقىدىغان ئەھۋاللار بايقالسا، تۇرپاندىكى قاماقخانىغا سولاپ قويۇلىدىغانلىقىنى، ئائىلىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان. قورچاق ئەمەلدارنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن توپتىكى دېھقانلار قامالدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا 20 كۈن بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ نېمە گۇناھ قىلىپ قويغانلىقىنى تېخىچە بىلەلمىگەنلىكىنى، بارلىق خەلقنىڭ ئائىلىسىگە قامال قىلىنغانلىقىغا 60 كۈندىن ئاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئېتىزدىكى تەكنىڭ ئىشلىرىنى قىلغىلى ئادەم يوق تاشلىنىپ قالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن يەنە بىر دېھقان: «سىلەر بىزنى ئۆيگە قامال قىلىپ ئېتىزغا چىققىلى قويمىغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا تەكنىڭ ئىشلىرىنى سىلەر قىلىڭلار» دېگەن. يەنە بىر دېھقان نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «كۆتنى قىسقان بىر ھۈنەر، قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر» دېگەن ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاممىنىڭ قارغىشىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكەن. نارازىلىق بىلدۈرگەن يەنە بىر دېھقان: «جاپپار دېگەن مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ» دەپ ئەمەلدارنى مەسخىرە قىلغان. ئاخىرىدا يەنە بىر جاسارەتلىك دېھقان نەگە سولاپ قويساڭ قوي دېگەننى ئىپادىلەپ: «قاماقتا ياتقانلارمۇ 20-30 يىل يېتىۋاتىدۇ، ئۇلارنى باقماي تاشلىۋەتكىنى يوق، نەگە ئاپارسا ئاپىرىپ قويمامدۇ؟» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى ئاڭلىغان قورچاق ئەمەلدار پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ: «يۇقىرىنىڭ يەتكۈز دېگىنىنى يەتكۈزدۈم، قانداق قىلساڭلار قىلمامسىلەر؟» دەپ خەلقنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان قاتتىق قامالنى نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان خىتاي قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 934 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2022 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق