شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كرىستېرسون سەيشەنبە كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تۇنجى سىياسەت دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كابىنېتقا تاپشۇرغان. دوكلاتتا شىۋېتسىيەنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان قورال كۈچى تەھدىتىگە بولغان ئەندىشىسى تىلغا ئېلىنىپ، دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئەركىنلىكىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان «تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشىنى قوبۇل قىلمايمىز» دېيىلگەن.

ئۇ يەنە دوكلاتىدا دېموكراتىك قىممەت قاراشنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى تاشقى سىياسىتىنىڭ يادروسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، شىۋېتسىيەنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتايدەك تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىرىستېرسون دوكلاتتا خىتاي مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي كۈچ ئارقىلىق داۋاملىق قورقۇتۇشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، خىتاي ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى تەھدىتنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېتسىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى خىتاي سىياسىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىكەن. ھەمدە ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئالاقىسى تېخىمۇ ئېنىق بولىدىكەن.

مەنبەلەرگە قارىغاندا، كىرىستېرسون رەھبەرلىكىدىكى مۆتىدىل پارتىيە يېقىنقى يىللاردا شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىۋېتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەننى ھەربىي كۈچى بىلەن قورقۇتۇش قىلمىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.

سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىرىستېرسون ۋە ئۇنىڭ كابىنېتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە داۋاملىق ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 768 قېتىم كۆرۈلدى
20/10/2022 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق